باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىگە بېرىپ، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 7-قېتىملىق سۆھبىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى

2015.07.09 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل ئۇفادىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل ئۇفا شەھىرىگە بېرىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 7-قېتىملىق سۆھبىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار كېڭىشىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېتىن سائەت 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇفا خەلقئارا ئايروپورتىغا كەلدى. رۇسىيەنىڭ مىللىچە كىيىمىنى كىيگەن ياشلار شۇ جاينىڭ ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئېلىش ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ئايروپىلان پەلەمپىيى ئالدىدا شى جىنپىڭگە بولكا ۋە تۇز سوۋغا قىلدى. شى جىنپىڭ بولكىدىن ئازراق ئۇشتۇپ، تۇزغا تەگكۈزۈپ تېتىپ كۆردى. رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، باشكورتوستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئايروپورتقا قارشى ئېلىشقا چىقتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر