باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالاھىدە تۈركۈم بويىچە قائىدىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدىكەن

2015.07.09 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 8-ئىيۇل تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 8-ئىيۇل «مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى، ئۇقتۇرۇشتا: ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالاھىدە تۈركۈم بويىچە قائىدىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، دېيىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى ئەنگە ئالدۇرغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى، ئارخىپ چىقىرىش سالاھىيىتى ۋە قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ مۇدىرى ئىمزا قويغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنى ئەۋەتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەستىقلىغانلىقى ياكى ئەنگە ئالغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلمىغان ھەر ساھە مەكتەپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى ۋە مىنىستىرلىقىمىز تەستىقلىمىغان ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ ھەربىيلەر تەۋەلىكىدە بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىغا بىردەك يول قويۇلمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر