خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى خاتا ھالدا پايتەخت باغدادتىكى بىر ئاھالىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلدى. ئىراق بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى ئاز دېگەندىمۇ يەتتە كىشىنىڭ بومباردىماندا قازا قىلغانلىقىنى، سەككىز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى