باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى بەش مىڭ نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە شەھەرلەردە تەربىيەلىنىدىكەن

2015.07.08 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى، شىنجاڭدىن بەش مىڭ نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنت ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ـ شەھەرلەردە تەربىيەلىنىدىغان بولۇپ، بۇ تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش يۆنىلىشى مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، شىنجاڭغا كىرگەن چوڭ كارخانىلار، شىنجاڭ شۇنداقلا ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەردىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پاي كونترول كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنى باشقۇرغۇچىلار ۋە كەسپىي تېخنىك شۇنداقلا مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  6-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تەربىيەلەش ئوبيكتى 2010-2014-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان پۈتۈن كۈنلۈك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، قاغىلىق، ئاقتۇ، ئاقچى، ئۇلۇغچات ناھىيەلىرىدە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرمىگەنلەر بولسىمۇ بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئانا تىلى خەنزۇتىلى بولمىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (MHK)نىڭ 3-دەرىجە Bسەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر