خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، داليەندىن ئۇچۇپ خېفېيدا توختاپ ئاندىن گۇاڭجۇغا بارىدىغان خەينەن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ HU7244 تىپلىك ئايروپىلان سائەت9دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە خېفېي ئايرۇدۇرۇمدىن ئۇچۇپ، ئايروپىلان 5100 مېتىر ئېگىزلىككە ئۆرلىگەندە، سىستېما ئوت ئاپىتى سىگنالىنى قوبۇل قىلغان. ئايروپىلان خادىملىرى تېزدىن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەرتىپى بويىچە ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلغان. سائەت 10دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە خېفېيغا قايتقان. بارلىق خادىملار ۋە يولۇچىلار ئوڭۇشلۇق چېكىنگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئايرۇپىلاندىكى 145 نەپەر يولۇچى ئىچىدە 8 نەپەر يولۇچى سىيرىلغۇچتىن چۈشكەندە يارىلانغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ يارىسى سەل ئېغىر بولغاچقا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك ئىكەن.(مەلىكەم)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى