خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇل، مۇخبىر گۇما ناھىيەسى قوشتاش يېزىسىدىكى ئېتىزلىقتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇغداي ئورۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئىلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش بۆلۈمى يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى تەشكىللەپ ئېتىزلىققا بېرىپ،گۇما ناھىيەسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ بۇغداي ئورۇشىغا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە، ئاپەت رايونىدا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
مەنبە: خەلق تورى