باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاقە تورى سۈرئىىتى تېزلىتىلىپ، ھەق تۆۋەنلىتىلىدۇ

2015.07.08 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن يەنە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كارخانىلارنى ۋەدىسى بويىچە، پۈتۈن يىللىق ئالاقە تورى سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىل ئاخىرىغىچە يانفون ئېقىم مىقدارى ۋە مۇقىم كەڭ بەلباغ، ئىدارىلەردە ئىشلىتىلىدىغان كەڭ بەلباغنىڭ ئوتتۇرىچە ھەق ئېلىش سەۋىيەسىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 چۈشۈرۈپ بولۇشقا دەۋەت قىلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىنژېنىرى، ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئاستا-ئاستا باشلاندى، مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، بۇ يىل تور قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ 435 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن % 10 ئېشىشى مۇمكىن، كېيىنكى ئىككى يىلدا يەنە 700 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىدۇ. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى كېيىنكى قەدەمدە ماشلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى تېز ئىجرا قىلىدۇ؛ قەرەللىك ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش مېخانىمىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن، پۈتۈن يىللىق ئالاقە تورى سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تېلېگراف ساھەسىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش باھا رىقابىتىنى تېزلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر