- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جياڭشى نەنچاڭدا باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشكە چېتىشلىق 42 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
22 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى بۇ دېلوغا چېتىلدى
2015.07.08 17:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 7-ئىيۇل جياڭشى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى «7-ئىيۇن» نەنچاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئورنىغا ئادەم سېلىش دېلوسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار دېيىلدى: بۇ قېتىمقى دىلو ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ھەرخىل كىشىلەر جەمئىي 42 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمتىھاندا ئورنىغا ئادەم سېلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرغان 6 كىشى ۋە ۋاستىچى ج خ ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، بىر تەرەپ قىلىندى؛ ئورنىغا ئادەم سالغان 7 ئوقۇغۇچى ۋە باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بەرگەن 7 كىشى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ 33-نومۇرلۇق بۇيرۇقى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى؛ دېلوغا چېتىشلىق 22 ھۆكۈمەت خادىمىغا ئايرىم ھالدا مۇناسىۋەتلىك چارە كۆرۈلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر