باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تور بىخەتەرلىكى قانۇنى لايىھەسى قاتارلىق ئۈچ قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ

2015.07.10 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قانۇنلارنى تۈزىتىشكە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلاش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورى يېقىندا ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تور بىخەتەرلىكى قانۇنى ( لايىھەسى)»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ (2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسى)»، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى 9- لايىھەسىنىڭ ( 2 – قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى.

  ئامما جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تور بېكىتىگە كىرىپ، پىكىر ۋە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، پىكىر ئېلىش ۋاقتى 6-ئىيۇلدىن 5-ئاۋغۇستقىچە بولىدۇ. 8–ئىيۇل كەچكىچە، جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچ قانۇن لايىھەسىگە ھازىر خېلى كۆپ كىشى پىكىر بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، تور بىخەتەرلىكى قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى پىكىر، تەكلىپلەر مىڭدىن ئاشقان.

  يېقىندا يېپىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-سانلىق يىغىنىدا تور بىخەتەرلىكى قانۇن لايىھەسىگە تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلدى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلمىسىنىڭ 9- لايىھەسىگە، 2 -قېتىم قاراپ چىقىلدى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر