باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ

2015.07.10 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-ئىيۇل ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش قارار قىلىنىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئادىل ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىلدى. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىكى ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنىڭ ئۆسۈمىنى مالىيە تولۇقلايدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەرزنى قايتۇرۇش مۆھلىتى ئىچىدە داۋاملىق ئىلمىي ئۈنۋان ئوقۇماقچى بولسا ياكى مەكتەپتىكى مەزگىلدە كېسەل سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ قالسا، ئۆسۈم قوشۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئوقۇش ياردەم قەرزى بېرىش مېخانىزىمىنى ئورنىتىش كېسەل سەۋەبىدىن ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان، ئائىلىسىدە زور ۋەقە يۈز بەرگەن قاتارلىق ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان قەرز ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاكالىتەن ئۆسۈم قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  بۇ ئىككى يېڭى سىياسەتكە قارىتا جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ لەيبىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسەتتە قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قېيىنچىلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئەندىشىسى ھەل قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئائىلىسىدە قېيىنچىلىقى بار ئاممىغا مائارىپ ئادىللىقى جەھەتتىكى چوڭقۇر غەمخورلۇقى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇشتىن توختىغان مەزگىلدە ئۆسۈم قوشۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بەزى ئىگىلىك تىكلەش غايىسى بار ستۇدېنتلارغا نىسبەتەنمۇ بىر خىل ئىجابىي يول باشلامچى بولالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر