باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسىدە مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى

2015.07.09 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىمىز غالىپ تۇرسۇن ، ئەسقەر مۆيدىن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇپ تەرتىپكە سېلىشنى جەمىيەت ئامانلىقىنى ئونۋىرسال تۈزەش ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە « ئەسەبىي ئىدىيە » گە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى .

  ئىگىلىنىشچە ، بۇگۈر ناھىيەسى يىل بېشىدىن 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن 157 نەپەر ئادەم /قېتىم ئاجىرىتىپ ، 26 قېتىم مەخسۇس تۈزەش ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، تورخانا ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ، نەشىر بۇيۇملىرى بازىرى ۋە كىتاب يايمىسى ، باسما ۋە كۆپەيتىپ بېسىش ئورۇنلىرىنى تەكشۈردى. تەكشۈرۈش جەريانىدا ، 326 پارچە قانۇنسىز كىتاب ، 1398 دانە قانۇنسىز نەشىر قىلىنغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ، تىجارەت ئىجازەتنامىسى يوق 5 نەشىر بۇيۇملىرى سېتىش ئورۇننى تاقاپ ، بىخەتەرلىك خەۋىپى بار 10 كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا بۇيرىدى . ئامانلىقى مۇقىم بولمىغان 4 تورخانا ، 2 كىنوخانىغا 11 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇپ ، مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ ساغلام تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈردى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر