سۈرەتتە: 7-ئىيۇل، رۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېنىس( ئوتتۇرىدا) موتوسېكىلىت كارۋىنىنى ئۇزاتماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇكۈنى، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش بېيجىڭدىن بايقال كۆلىگە موتوسېكىلىتلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى رۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 40 كىشى، 23 موتسىكلىت ۋە 5 ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن ئەترەت بېيجىڭدىن يولغا چىقتى. بۇ مۇساپىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3500 كىلومېتىر بولۇپ، مۇساپىنى تاماملاشقا 18 كۈنگە يېقىن ۋاقىت كېتىدۇ. يول ئۈستىدە، قاتناشقۇچىلار سوۋېت جەڭچىلىرى خاتىرە ئابىدىسىغا گۈل قويىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى