باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆي باھاسى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەردى

2015.07.08 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۆي مۈلۈك بازىرى بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، 2014-يىلىدىن بۇيانقى پەسكويلۇقتىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، بۇ يىلنىڭ 2-پەسلىدە مۇقىم ئاساستا جانلىنىشقا باشلىدى. مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە قىسمەن شەھەرلەردىكى زاپاس ئۆي بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر، شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭ، سودىلىشىش قىزغىنلىقى ئېگىز-پەس بولسىمۇ، لېكىن ئۆي بازىرىدىكى قىسمەن جانلىنىش ۋەزىيىتى ئېنىق بولدى، كېيىنكى يېرىم يىلدا، تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار. كەسپىي ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: يىل ئىچىدىكى ئۈچ قېتىم ئۆسۈم چۈشۈرۈش ۋە بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنىڭ چىقىرىلىشى نەتىجىسىدە، ئۆي سېتىۋېلىش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، يېڭى ئۆيگە ئېھتىياجلىق ۋە ئۆي شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بازاردىكى پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، 4-ئايدا، 70 شەھەردىكى ئۆي باھاسى چۈشۈپ كېتىشتىن توختاپ، ئالدىنقى 11 ئايدىكى سېلىشتۇرما چۈشۈش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلتۇر 5-ئايدىن بۇيان، 1-سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش ئۈنۈمىنىڭ گەۋدىلىنىشىگە باشلاپ، بازار كۆزلىمىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى-ئالدىنقى يېرىم يىلنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىش بازىرىنىڭ جانلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر