باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقانلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىگۈچى، دېھقانچىلىق كەسپى تەرەققىياتىدىكى تۆھپىكار

2015.07.07 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ7 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ تيەن يۈ ئۇرۇقچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى لى جياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە كارخانا كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلىنىپ، بۇ ناھىيەدىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچى ئاممىسى ئۇرۇق قوناق تېرىش ئارقىلىق ھەر مو كۆلەمدىن 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

  ئويغۇر تىلىدا راۋان سۆزلەپ، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، دېھقانلارنىڭ ئۆتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىدا تىنماي ئىزدىنىۋاتقان لى جياڭ باي ناھىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلى بولۇپ، ھازىر ئۇرۇق قۇناقنىڭ ئاتىلىقىنى ئالىدىغان ھالقىلىق مەزگىل بولغاچقا ئۇ ئەتىگەندىن-كەچكىچە ئېتىز بېشىدا يۈرۈپ، ئۇرۇق قۇناق تېرىغان ئائىلىلەرگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلماقتا. مەن ئۇنى ئىزدەپ بارغىنىمدا ئو قۇناقلىق ئېتىزدا دېھقانلار بىلەن بۇلۇق ئۆسكەن قۇناقلارنىڭ ئاتىلىقىنى ئۈزىۋاتقانىكەن. ئۇ كېلىش مەقسىدىمنى بىلگەندىن كېيىن گەپنى قىلىۋاتقان ئىشىدىن باشلاپ: «بۇ ئۈزىۋاتقىنىمىز ئاتىلىق دەپ ئاتىلىدۇ، ئاتىلىق بولسا ئانىلىق تۈپىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى چىچەكنى ئۈزىۋەتكەندە گۈل چېڭى ئانىلىق تۈپىنىڭ ئۈستىدىكى گۈلگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاندىن ئۇرۇق بولۇپ شەكىللىنىدۇ، شۇڭا ئاتىلىقىنى ئېلىۋېتىش ئاڭ موھىم ھالقا، بۇنى بالدۇرراق ئۈزۈپ ئېلىۋەتكەندە كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتىمىز» دىدى.

  1992-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان لى جياڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى بىەن شۇغۇلىنىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلى بولۇش خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا ئۇ باشتىن-ئاخىرى كوممىنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىدىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، كەسپىي بىلىمىنى موللاشتۇردى. ھەر يىلى ئۇرۇق قۇناق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىدە كۈرەش قىلىپ، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، قۇناق ئۇرىقى ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇردى. ئۇ يەنە ئويغۇر تىلىنى پىششىق ئۈگىنىپ، ئۇرۇق قۇناق تېرىغان دېھقانلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغاا ئېرىشتى.

  قۇربان سابىت مىچىغ يېزا قۇممەھەللە كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، ئۇ ئۇرۇق قۇناق تېرىشنى باشلىغاندا تېخنىكىنى چۈشەنمەي باشقۇرۇشنى بىلمىگەنلىكتىن مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپۈتى تۈۋەنلەپ كەتكەنىدى. لى جياڭنىڭ ياردىمىدە قۇربان سابىت ئۇرۇق قۇناق تېرىش تېخنىكىسىنى پەيدىن-پەي ئىگىلىۋالدى. ھازىر ئۇ تېرىغان ئۇرۇق قۇناقنىڭ مەھسۇلاتى يوقىرى بولۇپلا قالماي، سۈپۈتىمى يوقىرى بولدى.

  ئۇرۇق قۇناقنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يىلمۇ-يىل ئېشىشى ۋە بۇ ناھىيەنىڭ سۇ، تۇپراق، قۇياش نۇرى ئەۋزەللىكى بىلەن بۇ ناھىيە شىنجاڭدىكى ئۇرۇق قۇناق بازىسى بولۇپ قالدى. ھازىر بۇ ناھىيەدىكى ئۇرۇق قۇناق كۆلۈمى 30 مىڭ موغا يەتتى. ئۇرۇق قۇناق تېرىقچىلىقى بولسا بىر تۈرلۈك كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، تېخنىكىلىق تەلىپى يوقىرى، خەۋپ-خەتىرى زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر خىزمەت بولۇپ، ھەر بىر ئۇرۇق قۇناق تېرىيدىغان ئائىلىلەرنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن لى جياڭ تېخنىكىغا باش مەسئۇل كىسى بولۇش سۈپۈتى بىلەن كارخانىدىكى تېخنىكا خادىملىرىغا ياردەم بىرىپ، يېتەكلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلىدىن 78 كىشىنى تەربىيەلىدى. ئۇرۇق ئېتىزىدا 45 مەيدان چوڭ تىپتىكى نەق مەيدان يىغىنىغا قاتنىشىپ، 120 مەيدان تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.

  جاپانىڭ تېگى ئالتۇن. لىجياڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئورتاق تىرىچانلىقى ئارقىلىق، شىنجاڭ تيەن يۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇناقنىڭ 23 خىل يېڭى سورتىنى بىرىكتۈرۈپ يىتىشتۈردى. لى جياڭ ناھىيە بويىچە كۆپ قېتىم «دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشتىكى ئىلغار شەخس»، «مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلى»، «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى» ھەمدە ۋىلايەت، ناھىيە بويىچە «پەن-تېخنىكىدىكى ئالغا بېسىش نەمىنىچىسى» دىگەن شان-شەرەپكە ئېرىشتى. كارخانىمۇ «شىنجاڭدىكى نوقتىلىق قۇناق ئۇرىقى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى»، «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، كەنتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىلغار ئورۇن» دىگەن شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇنىڭ 40 تىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىپ تاپقان سورت يىتىشتۈرۈش كوللىكتىپىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي دېھقانلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى بىلەن كۆپلىگەن دېھقانلار تېخنىكا ئىگىلەپ، تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى. ئۇ دېھقانلار بىلەن ھەمنەپەس، تەغدىرداش بولۇپ، كەڭ دېھقانلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، شۇنداقلا بۇ ناھىيەنىڭ دېھقانچىلىق كەسپى، تېرىقچىلىق تەرققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر