خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جۇڭگونىڭ ئەنگلىـيە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈمى يېقىندا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئەنگلىيە« كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ 6-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە جۇڭگوغا 4 دانە بۇلانغان ساپ ئالتۇندىن ياسالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى داۋراڭسىز قايتۇرۇپ بەرگەن. يېقىندا، جۇڭگو قانۇنسىز ئېقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى.
بۇ قېتىم قايتۇرۇپ بېرىلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قىممىتى بىر مىليون ياۋرو( تەخمىنەن 6مىليون 850مىڭ يۈەن خەلق پۇلى). ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى قايتۇرۇپ بېرىش ھەرىكىتى فرانسىيە ئۈچۈن بىر قېتىملىق« دىپلوماتىيەدىكى قاباھەتلىك چۈش» بولۇپ قالغان. چۈنكى نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، فرانسىيە مۇزېيىغا ئىئانە قىلىنغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇشقا بولمايدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى