باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترەتلىرى گۇما ناھىيسىدە ئاپەتتىن قۇتقۇزماقتا

2015.07.08 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن زەربىدارلار ئەترەتلىرى بىرىنچى سەپتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى قايىتىدىن قۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرتكە بولدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، قوراللىق ساقچى قىسىم خوتەن تارماق ئەترىتى پارتكومى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى «يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، «پارتىيە ئەزالىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش زەربىدارلار ئەترىتى»، «پارتىيە ئەزالىرى چارلاش ئەترىتى» قاتارلىق ئاپەتتىن، خېيىمخەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى تەشكىللىدى. مۇخبىر بۇ ماقالىنى تارقاتقۇچە بولغان ۋاقىتتا، خوتەن شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ ئوفىتسىر-ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، 1-باشلانغۇچ مەكتەپ، پىشنا يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە 493 چېدىر تىكتى، 170 ئېغىزدىن كۆپرەك خەتەرلىك ئۆينى ئېنىقلىدى، 1100 دىن ئارتۇق ئائىلىكنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. قوراللىق ساقچى قىسىم خوتەن تارماق ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى چېن خەيجياڭ: نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرى مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى تالىشىپ ئىجرا قىلىپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارىي قىلدۇرماقتا، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر