باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سايرام بازىرى مۇقىملىق ئاساسنى پۇختىلىدى

2015.07.08 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى ئەسەبىيلىكنى تۆگىتىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتى ۋە قاتتىق زەربە بىرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرۈدەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  سايرام بازىرى 2014-يىلى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئونىۋېرسال تۈزەش مەركىزىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسى، ئۇچۇر تەتقىقات ئىشخانىسى، ئامانلىقنى ساقلاش ئىشخانىسى ۋە بىرلەشمە مۇداپىئە ئوتتۇرا ئەترىتى ئىشخانىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، كۈندىلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەتراپلىق، ئۈنۈملۈك يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. «پاش قىلىش، تەنقىد قىلىش، قېزىش، سۆزلەش» پائالىيىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن، شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول بولغان بىر قاتار تەشۋىقات، ئاممىۋىي مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتىدىن 462 مەيدان قېتىم ئۆتۆۈزۈپ، 20 مىڭغا يېقىن ئادەمنى تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۆگىتىش مۇداپىئە سېپىلىنى پۇختىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتى. ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىش يىغىنى، ئايدا بىر قتىم بىرلەشمۇ مۇزاكىرە يىغىنى ۋە ئونۋېرسال تۈزەش خىزمىتى خۇلاسە يىغىنى ئاچتى. ھازىرغىچە 11 قېتىم «چوڭ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن خەۋپنى تازىلاش» ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ئورۇندىن 61 نى، ئىجارىگە بىرىلگەن ئۆيدىن 109 نى، چەت-يىراق جايدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان 76 ئائىلىنى تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر