خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈپسۈزۈك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، ئاپئاق قارلىق تاغلار، ياپيېشىل مەخمەلدەك ئوتلاق، رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى، بۈك ـ باراقسان شەمشادلىق، ئىس چىقىۋاتقان كىگىز ئۆي، تاغ ئارىسىنى قاپلىغان تۇمان، يايلاقتا ئوتلاۋاتقان قوي ـ كالا، يامغۇردىن كېيىنكى رەڭدار ھەسەن ـ ھۈسەن... بىر ـ بىرىدىن گۈزەل بولغان مەنزىرىلەر كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. كۆلدىنەكدىن قاراجۇنغىچە بولغان يولدا كېتىۋاتقاندا، كىشى ئۆزىنى جەننەتتە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، يايلاقنىڭ ساپ ھىدىنى، يېڭى گۈللەرنىڭ پۇراقلىرىنى ھىدلاپ، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى ئاڭلاش ھەقىقەتەنمۇ بىر گۈزەل ئىش. (ھېلىمىخان فوتوسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى