باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تەۋەككۈل سېلىنما كەسپى مىسلىسىز ياخشى پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتا

2015.07.07 11:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 4-ئىيۇل 17-نۆۋەتلىك تەۋەككۈل سېلىنما مۇنبىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتىكى «ھەممە ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش» بازار كەيپىياتى ئاستىدا، بىر تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر تۈر مەيدانغا كەلگەن، ئېلىمىزنىڭ تەۋەككۈل سېلىنما كەسپى مىسلىسىز ياخشى پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتىكەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن تەۋەككۈل سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشى ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ كەسىپلەشتۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدىكەن.

  «ھەممە ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش» دولقۇنىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شۈ جيەنپىي مۇنبەردە مۇنداق دېدى: «گوۋۇيۈەن ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش بازىسى 200دىن ئاشتى، ھەر يىلى جەلپ قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 500مىڭدىن ئاشىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەۋەككۈل سېلىنما ساھەسىمۇ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلماقتا. چىڭكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2015-يىلى 1-پەسلىدە مەملىكەت ئىچىدىكى 349 دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلغان كارخانا تىيەنشى مەبلەغ سېلىش ئورگىنىنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەن، ئېلان قىلىنغان پۇل سوممىسى 259مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. مەبلەغ سېلىش مىسالى جەھەتتە، بۇ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %93.9 ئاشقان. ئېلان قىلىنغان پۇل سوممىسى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %214.2 ئاشقان.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش تەرەققىياتىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. مۇنبەر مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش كەسپى بىلەن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەشكە ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتىنى نۇرغۇن يوشۇرۇن خېرىدارلار بايلىقى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش كارخانىسى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك كەينى-كەينىدىن پەيدا بولدى.

  يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئومۇمىي بازار ھالىتى تەۋەككۈل سېلىنمىسى كەسپىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان پۇرسەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەۋەككۈل سېلىنمىسى- بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش قورالى ۋە ئىگىلىك تىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئىنكۇباتورى شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرىنىڭ كەسىپلەشتۈرۈلۈشنى تېزلىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر