- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ئاكسىيە جەمئىيىتى ئاكسىيە سودىگەرلىرىنىڭ بازارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى تەشەببۇس قىلدى
2015.07.07 11:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئاكسىيە جەمئىيىتى تۆنۈگۈن تەشەببۇسنامە چىقىرىپ، ئاكسىيە شىركەتلەرنى مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زېممىسىگە ئېلىپ، بازارنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداشقا چاقىردى.
شۇ كۈنى 21 ئاكسىيە شىركىتى يىغىن ئېچىپ ۋە بىرلىشىپ ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاي بازىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي قوغداپ ۋە ئالاقىدار قارار چىقىرىمىز. جۇڭگو ئاكسىيە جەمئىيىتى بۇنى يۈكسەك دەرىجىدە قۇۋۋەتلىدى ۋە قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەشەببۇسنامىدە مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇش كېرەك. نۆۋەتتە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسى داۋاملىق بولۇشتەك يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، ماكرولۇق ئىگىلىكنىڭ مۇقىم بولۇش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى، بازارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك بولۇۋاتقان ئاساسىي ۋەزىيەت ئۆزگەرمىدى، ئاھالىلەرنىڭ بايلىق تەقسىماتىنىڭ قېپىلىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمىدى، كاپىتال بازىرىنىڭ داۋاملىق ئىسلاھات ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمىدى. پاي بازىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلىشى ۋە ۋە تۆۋەنلىشى بازارنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىسىز، ئاكسىيە شىركىتى بازاردىكى ئاساسلىق قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زېممىسىگە ئېلىپ، ھەممە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە قورغان ياساپ، بازارنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر