باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە مۇھىم قەدەم بېسىلدى

2015.07.06 13:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

10-نۆۋەتلىك تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى 3-ئىيۇل پېرۇنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىدىكى شەھەر پالاكاستا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا «پالاكاس باياناتى» ماقۇللىنىپ، 2012-يىلى ئىيۇن ئىمزالانغان تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقى رامكىسى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ دەپ جاكارلاندى. بۇ لاتىن ئامېرىكىسى رايونى ئىقتىسادى تەشكىلاتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدا مۇھىم بىر قەدەمنىڭ بېسىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چىلى، كولومبىيە، مېكسىكا ۋە پېرۇ مۇنۇلارنى قارار قىلدى: تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقى رامكا كېلىشىمىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ئاساسىدا بۇ رايوندا چوڭقۇر بىر گەۋدىلەشكەن سودا رايونى تەسىس قىلىش ئارقىلىق تاۋار، مۇلازىمەت، كاپىتال ۋە خادىملارنىڭ ئەركىن ئايلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكىلى بولىدۇ. تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقى 2012-يىلى ئىيۇندا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان، جۇڭگو 2013-يىلى بۇ ئىتتىپاقنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر