باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر كۈنى

2015.07.06 16:05   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر كۈنى

  ئەتىگەن نان يېقىۋاتقان ناۋاي ئۇستام، بېيىش يولىغا ماڭغان ئاخۇن، بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقان مەشقاۋۇل... بۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ ئادەتتىكى بىر كۈنى، شۇنداقلا رامزان ئېيىدىكى ئادەتتىكى بىر كۈنى، قۇياش ئاۋۋالقىدەكلا پارلاپ چىقىپ، زېمىنغا سېخىي نۇرلىرىنى چاچماقتا. قەيەردە بولايلى سۈبھىنى، قۇياشنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ. شىنجاڭدا زاھىر بولغان مەنزىرىلەر ھەقىقەتەن گۈزەل، ئۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

  قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ئاخۇن ياڭ جيې ئادەتتە كەنتتىكىلەر ئۈچۈن بېيىش يولى ئىزدەش بىلەن ئالدىراش

  دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسىللىرىدە، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇ بازىرى سەنگۇڭخۇ كەنتىدىكى ئاخۇن ياڭ جيېنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ 20 مو يېرى ئوبوروت قىلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەر كۈنى يەنىلا ئىنتايىن ئالدىراش يۈرىدۇ. ئادەتتە ئۇ كەنتتىكلەرگە بېيىش يولى تېپىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش. 2-ئىيۇل كەچ سائەت 7:00 دە، ياڭ جيې سەنگۇڭخۇ كەنتى 1-گۇرۇپپىسىنىڭ مەسچىت ئىشخانىسىدا بىر نەچچە كىشى بىلەن پاراڭلاشقاچ، ‹‹مەملىكەتلىك خەۋەرلىرى››نىڭ كۆرسىتىلىشىنى ساقلاۋاتاتتى. ئايرىم ئۆيدە ‹‹دوڭ، دوڭ، دوڭ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كەنتتىكى بىر نەچچە ئايال ئىپتارلىققا تەييارلىق قىلدى.

  49 ياشلىق ياڭ جيېنىڭ ئاخۇن بولغىنىغا 23 يىل بولدى، سانجى ئوبلاستىدىكى دىنىي زاتلار ئىچىدە ئۇ مودىغا ئەڭ ماسلىشىدىغان كىشى بولسا كېرەك، ئۇ كەنت بويىچە تۇنجى بولۇپ موتوسىكلىت مىنگەن، تۇنجى بولۇپ ئىشخانىسىغا تېلېۋىزۇر قويغان، تۇنجى بولۇپ يانفون ئىشلەتكەن، تۇنجى بولۇپ پاي ئوينىغان، تۇنجى بولۇپ پىكاپ ھەيدىگەن، تۇنجى بولۇپ كەڭ بەلباغلىق تور ئورناتقان، تۇنجى بولۇپ مىكروبىلوگ ئاچقان... ئۇ پەقەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جاكارچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىسى بولۇپ، كىشىلەرنى ياخشى كۈن كۆرۈشكە يېتەكلەپ كەلدى.

  قومۇل شەھىرىدىكى ناۋاي ئابدۇكېرىم تۇرسۇننىڭ ناۋايلىقتىن كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشى

  ئابدۇكېرىم تۇرسۇن 2-ئىيۇل سەھەر سائەت 4:30 دا ئالدىراپ-تېنەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، نان يېقىشقا تەييارلىق قىلدى.

  ئابدۇكېرىم تۇرسۇننىڭ ناۋايخانىسى تۇرۇشلۇق قومۇل شەھەرلىك ئىشچىلار بازىرى سائەت 6:30 لاردىلا قايناپ كەتكەنىدى. ناۋايخانىنىڭ ئالدىدا نان ئالماقچى بولغانلار قاتار ئۆچرەت تۇرۇپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ نان يېقىش سۈرئىتى تېز ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن نانلارغا پىياز، كۈنجۈت قاتارلىقلارنى سېپىپ ياقاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن پىشىپ بولغان نانلارنى سويۇپ ئالاتتى. ئىللىق قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرغان نانلار كىشىنىڭ ئىشتىھايىنى قوزغايتتى.

  40 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئابدۇكېرىم تۇرسۇن 1999-يىلىدىن باشلاپ ناۋايخانا ئاچقاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، گەرچە ھەركۈنى ئوخشاش بىر ئىشىنى قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشىدىن خاتىرجەملىك، خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ.

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى