باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ قوش ھەپتىلىك سۆھبەت يىغىنىدا قىزىق نۇقتا يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاشقا مەركەزلەشتى

2015.07.07 11:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش يېزا ئىسلاھاتى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزى، قانداق قىلغاندا بۇ خىزمەتنى ئەمەلىي چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ؟ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان قوش ھەپتىلىك كېڭەش سۆھبەت يىغىنىدا كۆپلىگەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى «يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش ۋە ئالاقىدار قانۇن مەسىلىسى ۋە سىياسىتى» نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ سىياسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  2009-يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يەر ھۆددىگەرلىك تىجارەت ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش سىنىقى خىزمىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، بۇ خىزمەت ئەڭ دەسلەپكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 8 يېزا سىناق نۇقتىسىدا يولغا قويۇشتىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 12 ئۆلكىدە ئومۇميۈزلۈك سىناق قىلىشقا تەرەققىي قىلدى.

  ھالبۇكى، سىناق دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە، خىزمەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى يەرلىكتە ھوقۇقنى بېكىتىشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇش، تارىخىي زىددىيەتلەر كۆپ بولۇش، مەشغۇلاتچانلىقى قېيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كەيپىياتقا تەسىر يېتىپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەر تىجارەت ھوقۇقى مەسىلىسى، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى بېكىتىش مەسىلىسى، يېزا يەرلىنى ھۆددىگە ئېلىش مۇناسىۋىتى ئۇزاق مۈددەت ئۆزگەرمەسلىك شەكىلمۇ دىققەتنى تارتتى.

  مۇتەخەسسلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ھۆددە يەر كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، يەرنى ئىشلەتكۈچى ھوقۇق ئىگىسى يېزا كوللېكتىۋىنىڭ ئەزاسى بولۇش، يەرنىڭ ئىشلىتىش يولىنى ئۆزگەرتمەسلىك قاتارلىق بىر قانچە ئاخىرقى چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا كوللېكتىپنىڭ ھۆددە بېرىش ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى كۈچەيتىش، 1مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر چېكى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاخىرقى چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاخىرقى چەكنى بىلگەندىلا، ئاخىرقى چەككە تەگمىگىلى، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتمىگىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر