خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇل شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە يەر تەۋرىگەنگە ئۈچ كۈن بولغان كۈن. ئەنئەنە بويىچە بۇ كۈنى گۇما ناھىيە بازىرىنىڭ بازار كۈنى. خەلق تورى مۇخبىرى بازاردا كۆكتات، مېۋە - چېۋە، كىيىم-كېچەك، كالا - قوي، ھەر خىل ئۇششاق يېمەكلىك قاتارلىق بازاردا بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ تولۇقلىقىنى كۆردى.ئاۋات بازاردىكى كۆپلىگەن ئادەملەردىن كۆرۈۋىلىشقا بولۇدىكى ئۈچ كۈنلىك يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ئاپەت رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بارا-بارا ئەسلىگە قايتقان.(مەلىكەم)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى