باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ساخاۋەتچى ناۋاي مۇخپۇل خېلىل ئاپەت رايونىغا 2000 يۈەن ئىئانە قىلدى

2015.07.07 13:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىنە زاۋۇتى ئەتراپىدا ناۋايلىق قىلىدىغان 42 ياشلىق مۇخپۇل خېلىل 6-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن خەير–ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە كېلىپ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىگە 2000 يۈەن ئىئانە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹گۇما خەلقى ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولدى، بۇ 2000 يۈەن مېنىڭ بۇ نەچچە كۈندە نان يېقىپ تاپقان پۇلۇم، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئۈچۈن قىلغان كىچىككىنە ياردىمىم بولسۇن».

  مۇخپۇل ئالتە ياش چېغىدا دادىسى تۈگەپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئوڭ قول چىمچىلاق بارمىقى كىچىك ۋاقتىدا ئېتىز ئەمگىكى قىلىۋاتقاندا چېپىلىپ كەتكەن، بىر قېتىم ئاغرىپ قېلىش سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقى گاس بولۇپ قالغان. بىراق، بۇ كېلىشمەسلىكلەر ئۇنىڭ ھالال ئەمگەك بىلەن ياشاش ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغان. بۇ قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇ ئۆزلۈكىدىن خەي-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە كەلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر