باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بۇنچە ئىسسىق ھاۋادا يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش كىچىك ئىش ئەمەس

2015.07.06 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئىيۇل جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، كۆپ جايلاردا بۇرۇنقى ئۆلچەم ئۆزگەرمىدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت مىنىستىرلىق 3-چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى جايلاردىن يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىشنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىر 6،7-ئايلاردىن بۇيان، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق كۆپ قىسىم جايلارنىڭ يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى، بىراق، تورداشلارنىڭ بۇ پۇلنى ئالالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغانلىقىنى، نۇرغۇن رايونلاردىكى يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان تەڭشەش ئىلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بايقىدى.

  ھەر قايسى رايونلاردا پەرق مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ئېلىمىز بويىچە بىرلىككە كەلگەن يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى بېكىتىش قىيىن، كۆپ قىسىم جايلاردا نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ئۆلچەم ئۆزگەرمىگەن. ئەمما، ھەممەيلەنگە ئايان، يېقىندىن بۇيان ھاۋا بارغانچە ئىسسىۋاتىدۇ، مال باھاسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىم رايونلاردا يەنىلا ئىلگىرىكى تۆۋەن ئۆلچەمدىكى يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى بېرىلىۋاتىدۇ. بىر قسىم رايونلار ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بۇ پۇلنى ئۆستۈرگىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئويلىشىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىچىملىك، ماش سۈيى، شىكەر چاي قاتارلىقلارنى تولۇقلىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋاتىدۇ. «ئىسسىقتىن مۇداپىئەلىنىش، تېمپىراتۇرىنى چۈشۈرۈش تەدبىرلىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىسسىقتا ئىشلىگەن خىزمەتچىلەرگە يېتەرلىك تولۇقلىما بېرىشى، سەھىيە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان تېمپىراتۇرىنى چۈشۈرىدىغان ئىچىملىك ۋە زۆرۈر دورا ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى، لېكىن بۇ ئىچىملىكلەرنى تولۇقلىمىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىكى كېرەك، دېيىلگەن. ئېنىقكى، يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى بىر قەدەر تۆەن بولغان رايونلاردا، ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، خىزمەتچىنىڭ نورمال مائاشى، ئىستىمالچىلارنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىپ چوكامۇز پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشىشى كېرەك. نۆەتتە. تيەنجىندە يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلىغا ئېنىق تەڭشەش ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، كۈنلۈك ئۆلچىمى ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن شەھەردىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %12نى تارقىتىدۇ. تيەنجىننىڭ بۇ ئۇسۇلى باشقا رايونلارنىڭ ئۈلگە ئېلىشىغا ، كېڭەيتىشىگە ئەرزىيدۇ.

  ئەگەر يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى يۇقىرى دېسە، ئۇنداقتا، ۋاقتىدا يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسىنى تارقىتىپ، ئىسسىقتا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  نۆۋەتتە، ئىسسقتا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسلىقى ئەمگەك نازارەت بۆلۈملىرىگە تايىنىدىغان بولۇپ، ئىشچىلار ئويۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز، جازالاش، بىر تەرەپ قىلىش كەمچىك بولغانلىقتىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىشلەمچىلەر كارخانا ئالدىدا نىسبەتەن ئاجىز، ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشقا جۈرئەت قىلالمايىغانلىقى چوكامۇز پۇلىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى. يۇقىرى تېمپراتۇرا تولۇقلىمىسى تايىنىدىغان قانۇن بولۇشى، ئالاقىدار ھوقۇق ـ مەجبۇرىيەتلەر قانۇنلىشىشى، بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلىنى ئىسسىقتا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ قوغداش تەدبىرى «ئەمگەك قانۇنى»غا كىرگۈزۈشى، ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەسئولىيەتنى ئېنىق قىلىپ، نازارەت قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايىتىش، سىياسەتنىڭ قاتتىقلىقى ۋە نوپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئەگەر يۇقىرى تېمپراتۇرا ياردەم پۇلىنى تۇتۇۋالغان ئورۇنلار كۆرۈلسە، بۇ مائاشنى كەينىگە سۆرەش بىلەن «ئوخشاش جىنايەت» دەپ قارىلىپ قارا تېزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى، تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىشى، قانۇن بيىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.بىر قىسىم نازارەت قىلىپ بولالمايدىغان بۆلۈملەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر