باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھوشيار بولۇڭ! « ئاپتوموبىل ئىچىدىكى قاتىل» بالىڭىزنى زەخىملەندۈرمىسۇن

2015.07.06 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىسىنى ھىم ئېتىلگەن ئاپتوموبىل ئىچىدە ئۇنتۇپ قېلىپ، بالىغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، بالىنىڭ تۇنجۇقۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئۈزلۈكسىز خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر ياز پەسلىدە تېخىمۇ ئېغىر بولىۋاتىدۇ.

  يېقىندا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭتەن شەھىرىدە، بىر ئوغۇل بالا ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا تاتلىق ئۇخلاپ قالغان، ئاتا-ئانىسى ئاپتوموبىلنى قۇلۇپلاپ كېتىپ قالغان، بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن ئوغۇل بالانىڭ ئاللىقاچان قازا قىلغانلىقىنى بايقىغان.

  دۇنيا بالىلار بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: بالىلارنى يالغۇز ئاپتوموبىل ئىچىگە سولاپ قويۇش سەۋەبىدىن قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىققان دېلو 1998-يىلىدىن2013-يىلىغىچە ئامېرىكىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئون كۈن ئىچىدىلا بىرى يۈز بەرگەن.

  ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك 1000 نەپەر ئاتا-ئانا/ۋەسىيلىرغا قارىتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، % 69 ئاتا-ئانا كىچىك بالىلارنى ئاپتوموبىل ئىچىگە قۇلۇپلاپ قويۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان قازا قىلىش ۋەقەسىنى ئاڭلىغان، لېكىن ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا بالىسىنى ۋاقتىنچە ئۆزى يالغۇز ئاپتوموبىل ئىچىگە سولاپ قويۇشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. % 11ئاتا-ئانا بالىسىنى ئاپتوموبىل ئىچىگە ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، % 14 ئاتا- ئانا ئىلگىرى قەستەن بالىسىنى يالغۇز ئاپتوموبىل ئىچىگە قويۇپ قويغان. % 23 دادا ئىلگىرى بالىسىنى يالغۇز ئاپتوموبىل ئىچىگە سولاپ قويغان ئىكەن، % 8 ئانا ئىلگىرى بالىسىنى ئاپتوموبىل ئىچىگە يالغۇز قويۇپ قويغان ئىكەن، % 6كىشىلەر بالىسىنى يالغۇز ئاپتوموبىل ئىچىدە 15 مىنۇت قويۇپ قويسا بىخەتەر دەپ ئويلايدىكەن. بۇ خىلدىكى ۋەقەنىڭ % 75ى ياز پەسلىنىڭ 6-ئايدىن 8-ئايغىچە يۈز بېرىدىكەن.

  ئەگەر ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ دەسلەپكى تېمپېراتۇرىسى 26 سېلسىيە گرادۇس بولسا، 20 مىنۇتتىن كېيىن 7 سېلسىيە گرادۇس ئۆرلەيدىكەن، بىر سائەتتىن كېيىن 20 سېلسىيە گرادۇس ئۆرلەيدىكەن. بالىلار بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ3تىن5 ھەسگىچە، لېكىن بالىلارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى ۋە ئىسسىققا چىداملىق ئىقتىدارى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە يەتمەيدۇ، بالىلار بەدەن تېمپېراتۇرىسى 41.7 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەندە «ئىسسىقلىق كېسىلى» سەۋەبىدىن ئۆلۈشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئىسسىقلىق كېسىلى دېگەن نېمە؟ داۋاملىق دىمىق مۇھىتتا تۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم بەدەننىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشى، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ زىيادە توپلىنىشى ئىسسىقلىق كېسىلى دېيىلىدۇ. ئەگەر بىمار داۋاملىق قىزىسا ياكى ھوشسىزلانسا، ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى زەئىپلىشىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن.

  شۇڭا، ھەرگىز بالىڭىزنى يالغۇز سولاپ قويماڭ، ئاپتوموبىل ئەينىكى ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئوچۇق بولغان تەقدىردىمۇ، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈشتىن بۇرۇن ماشىنا ئارقا ئورۇندۇقىنى تەكشۈرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ، بالىغا ئاپتوموبىل ئەتراپىدا ئوينىماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەڭ، ئادەتتە ئاپتوموبىل ئاچقۇچىنى بالىلارنىڭ قول يەتمەيدىغان جايلاردا قويۇڭ، بالىغا ئاددىي بولغان ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىڭ. مەسىلەن: گۈدۈك چېلىش، چىراغ يېقىش ۋە ئاپتوموبىل ئەينىكىنى ئۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر