خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىيۇل ئايلىرى كىرگەندىن بۇيان 2-ئىيۇل ۋە 4-ئىيۇل، جۇڭگو ـ قازاقىستان چېگرا رايونىنىڭ بىرىنچى سىپىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 10-دېۋىزىيە 185-تۇەنى ئۇدا قارا يامغۇر ۋە مۆلدۈرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بۇ تۇەننىڭ يېزا ـ ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. شىنجاڭ بىڭتۇەن 10-دېۋىزىيە 185-تۇەنى ئالتاينىڭ غەربىي جەنۇبىي چېگرىسىدىكى دۆلەت چېگرا سىزىقىغا جايلاشقان، غەربى، شىمالى شۇنداقلا ئاراكېبىك دەرياسى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولۇپ، چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇرۇنلۇقى 86 كىلومېتىر، تۇەن بۆلۈمىنىڭ 10-دېۋىزىيە بېيتۇن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 230 كىلومېتىر بولۇپ، «غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى بىرىنچى تۇەن»دېيىلىدۇ. سۈرەتتە: دىئامېتىرى 3 مىللىمېتىر كېلىدىغان مۆلدۈر. (ليۇ جىنئەن فوتوسى؛ ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى