باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6-ئىيۇل باشلاندى

2015.07.06 13:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6-ئىيۇل باشلانغان. ئالدى بىلەن ئارخىپقا سېلىنىپ قوبۇل قىلىنىدىغىنى تولۇق كورس بىرىنچى تۈركۈم، ئىككىنچى تۈركۈمنىڭ تۈركۈم دەرىجىسى ئالدىن تەستىقلىنىدۇ(يەنى تولۇق كورس ۋە نۆلىنچى تۈركۈملىكى)، بۇلار ئاساسلىقى ھەربىي ۋە ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكىلەر، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كورس سەنئەت تۈرىدىكى، تەنتەربىيە تۈرىدىكى ۋە باشقا ئالدىن يەككە قوبۇل قىلىنىدىغان تولۇق كورس مەكتەپلىرى (كەسپ). تولۇق كورسنىڭ نۆلىنچى تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەخمىنەن 11-ئىيۇل ئاياقلىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىنىڭ نۆلىنچى تۈركۈمىگە شىنجاڭدىن 7046 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە: ھەربىي ۋە ساقچى جامائەت خەۋپسىزلىك تۈرىگە 1355 ئوقۇغۇچى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كورس مەكتەپلىرىنىڭ سەنئەت تۈرى، تەنتەربىيە تۈرلىرىگە 3100 نەپەر ئوقۇغۇچى، ھەقسىز پىداگوگىكا شۇنداقلا باشقا تۈرلەرگە 2591 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ نەق مەيداندىكى تۈرلۈك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئورنىغا يېتىپ كەلدى، ئەسلىھەرلەرنى تەڭشەش، سىناق قىلىش ئاياقلاشتى، ئالدىنقى مەزگىللىك تۈرلۈك خىزمەتلىرى تەييار بولدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر