باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نامۇۋاپىق ئوقۇغۇچى تالىشىشنى قاتتىق مەنئىي قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2015.07.07 11:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىيىڭ يېقىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىنتىزامىنىڭ چىڭلىقىنى قوغداپ، بىنورمال ئۇسۇلدا ئوقۇغۇچى تالىشىشنى قاتتىق مەنئىي قىلىش كېرەك، ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، سان قالدۇرۇپ قويۇش پىلانىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھانى ئارقىلىق يۆتكىلىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

  ۋاڭ لىيىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تاللىشىدىكى مۇھىم يول، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئاپپاراتلىرى، مائارىپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر سوبېكتىپ مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا ئادىل، ئاشكارا بولۇشنى ھەقىقىي قوغداپ، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيىتىدە ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى تىزگىنلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ئالماشتۇرۇش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتا ياخشى خىزمەت تەرتىپىنى قوغداپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر