باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش جامائەت پاراۋانلىقى ئەرزى قوبۇل قىلىندى

2015.07.07 11:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئىيۇل شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كومىتېتى گۇاڭدۇڭ ئوۋپو - كۆچمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ۋە تيەنجىن سامسۇڭ خەۋەرلىشىش تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۈستىدىن قىلغان جامائەت پاراۋانلىقى ئەرزى شاڭخەي 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىندى. بۇ ئېلىمىزنىڭ سوت مەھكىمىلىرى قوبۇل قىلغان تۇنجى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش جامائەت پاراۋانلىقى ئەرزى.

  شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ شىكايەت قىلىشى سەۋەبى- بۇ ئىككى يانفون كارخانىسى ساتقان يانفۇنلارنىڭ سىرتقى ئورامى ۋە چۈشەندۈرشى ، ئۇلارنىڭ ئالدىن قاچىلانغان يۇمشاق دېتال نامى ، تىپى ، رولى قاتارلىقلارغىچـە ئاشكارا ئۇسۇل ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا ئۇقتۇرۇلماي، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزگەن.

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى ئەرز مەنبەسى يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سېلىشتۇرۇش تەجرىبىسى ئىكەن . بۇ قېتىمقى سېلىشتۇرما تەجرىبە جەريانىدا شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى ئالما ، سامسۇڭ قاتارلىق خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلىق يانفۇنلار ۋە خۇاۋېي ، ئوپو قاتارلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىلىق يانفۇنلارغا قارىتا ئالدىن قاچىلانغان يۇمشاق دېتالى ۋە ئۇنىڭ ئۆچۈرۈش ۋە يوشۇرۇن قېچىپ كېتىش ئېقىم مىقدارىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئۆلچەش ئېلىپ باردى ، نەتىجىدە ، تەكشۈرۈشكە يوللانغان 20 تۈرلۈك يانفۇندا ، گۇاڭجۇ ئوپو كۆچمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يانفونلارنىڭ ئالدىن قاچىلانغان يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەڭ كۆپ بولۇپ ، 71گە يەتكەنلىكى ، سامسۇڭ ماركىلىق يانفۇننىڭ ئالدىن قاچىلانغان يۇمشاق دېتالىنىڭ تامامەن ئۆچۈرگىلى بولمايدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ 44 تىن ئاشىدىغانلىقى ئايان بولغان.

  ئېلىمىزنىڭ « ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى » نىڭ 8 –ماددىسىغا ئاساسەن ، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋالغان، ئىشلەتكەن تاۋار ياكى قوبۇل قىلغان مۇلازىمەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى بار.

  ئىگىلىنىشىچە ، 2012 - يىلدىن بۇيان ، شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى قوبۇل قىلغان يانفون ئىستېمال تۈرىدىكى ئەرز دېلوسى بىردەك يۇقىرى بولۇش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان ، ئۇدا ئۈچ يىل تاۋار تۈرىدىكى ئەرزلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا ، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە ، 2014 - يىلى ، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئابونتلىرى 500 مىليوندىن ئېشىپ، يەر شارىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئابونتلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان.

  ھەمبەھىرلەش


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر