3-ئىيۇل، شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى كېچىلەپ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ بەش سائەتتە گۇما ناھىيەسىگە يېتىپ باردى.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرىگەن ئورۇن گۇما ناھىيە ئىچى بىلەن پىشنا يېزىسىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، پىشنا يېزىسى، گۇما بازىرىدا ئاپەت ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.
گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، چېدىر، يوتقان-كۆرپە، يېمەكلىك، سۇ، قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بەردى، ئەتراپتىكى ناھىيە-شەھەرلەردىن كەلگەن پىدائىيلارمۇ تېزلىكتە ئاپەت رايونىغا كېلىپ، ئاپەت ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى.
نۆۋەتتە، گۇما ناھىيەسى پىشنا يېزىسى ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.