باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گۇما ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشتە، 71 ئادەم يارىلاندى

2015.07.06 13:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 3-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەيدانىغا قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىلانغان بىر قىسىم ئامما ئازادلىق ئارمىيە 18-دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى تەرىپىدىن داۋالانماقتا. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىگە قەدەر، شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 6.5 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 71 ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ھەم تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، يەرلىك تارماقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە داۋالىنىش جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر