باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا تور قەرزى كەسىپىدە پۈتۈشۈش مىقدارى ئۆتكەن يىلقى بىر يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

2015.07.07 11:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، «ئالاقە تورى قوشۇلغان» ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش باھارىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى تېزلەشتى. P2P تور قەرزى ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە تېز تەرەققىياتنى ساقلاپ، كىچىك مىكرو كارخانىلار، يېڭى ئىگىلىك تىكلىگۈچى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندى. سانلىق مەلۈماتتىن ئايان بولۇشىچە، كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ مىليون يۈەندىن تۆۋەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتى %65 نى ئىگىلىگەن.

  2007-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تور قەرزى سۇپىسى بارلىققا كېلىپ ھازىرغا قەدەر، تور قەرزى كەسىپى نۆۋەتتە «توسالغۇ بولماسلىق، ئۆلچەم بولماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بولماسلىقتەك» ئوڭايسىز ھالەتتە تۇرماقتا. 2015-يىلى 1-ئايدا بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى P2P كەسىپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش پۇل مۇئامىلە تارمىقىغا ئايرىغان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش پۇل مۇئامىلىسىدا ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش ۋە مىكرو پۇل مۇئامىلە تەكىتلىنىدۇ.

  سىياسەت تۈزۈپ چىقىلىشتىن ئاۋۋال، جايلاردىكى تور قەرزى كەسىپى ئۆز ئۆزىنى تىزگىنلىگەن ھالدا ئالدى بىلەن يولغا قويىدۇ. 26-ئىيۇن، بېيجىڭ ئالەقە تورى پۇل مۇئامىلە ئۆز ئۆزىنى تىزگىنلەش تەشكىلاتى بولغان پايتەخت پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سودا جەمئىيىتى ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە كەسىپى كومىتېتى قۇرۇلدى؛ 28-ئىيۇن گۇاڭجۇ ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە كېڭىشى «ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قېلىپىنى» ئېلان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر