كونا ئۆيلىرىمىز ئۆرۈلۈپ چۈشتى، بىراق ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ›› قۇرۇلۇشىدا سېلىنغان يېڭى ئۆيلىرىمىز ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىدى، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ‹‹ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشىدا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ياخشىلىقىنى بىزگە تېخىمۇ ياخشى ئىسپاتلاپ بەردى، مەن بۇ قۇرۇلۇشنى بەك ياخشى كۆردۈم، كېيىن ئائىلىمىزدىكى ھەممەيلەن مۇشۇنداق ياخشى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولدۇق... 5-ئىيۇل خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى پىشنا يېزىسىنىڭ باش ئازغان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەمەتياسىن مامۇت مەمنۇنلۇق ئىلكىدە مۇخبىرغا يۇقىرقىلارنى بايان قىلدى.
مۇخبىر پىشنا يېزىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، بىراق ‹‹ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشىدا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئانچە -مۇنچە تام سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەندىن باشقا ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرگەن.
مەمەتياسىن مۇنداق دېدى: ‹‹ يەر تەۋرىگەندە مەن ئېتىزدا ئىشلەۋاتاتتىم، ئاپام، ئايالىم ۋە ئۈچ بالامنىڭ ھەممىسى ئۆيدە ئىدى، ئائىلىمىزدىكى كونا، يېڭى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە ئادەم تۇراتتى. يەر تەۋرىگەندە ئۇلار كونا ئۆيدە يوق بولغاچقا، بۇ قېتىمى بالا-قازادىن ئامان قالدى، بىراق كونا ئۆيلەر ئېغىر ۋەيران بولدى، بۇنىڭدىن شۇنى بىلدىمكى، يەنىلا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ھاياتى بىخەتەرلىكىمىز يەر تەۋرەشتىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى››.
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىي كۆرۈلدى. 2014-يىلى 2-ئايغا قەدەر شىنجاڭدا 5.0 بالدىن يۇقىرى جەمئىي 50 قېتىمدىن ئارتۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا سېلىنغان ئۆيلەر يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى گۇما ناھىيەسى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 5500 ئائىلىك ئۆي سېلىشنى پىلانلاپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ 101 مىليون 750 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغىگە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم مەبلىغىدىن 55 مىليون يۈەنگە ئېرىشكەن بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىلىككە ئوتتۇرىچە 28 مىڭ 500 يۈەندىن توغرا كەلگەن. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %97 گە يەتكەن. بۇ يىل 4-ئايدا بۇ ناھىيەنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 12 مىليون مەبلىغى نەقلىشىپ، 3643 ئائىلىلىك قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %60.72 گە يەتكەن.