باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى ئورگىنى: گىرېتسىيەدىن مۇددەتتىن بۇرۇن قەرزىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىمىز

2015.07.06 13:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىق ئورگىنى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ ئورگاننىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمىگە ئاساسەن، گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىشى ئەھدىنى بۇزغانلىق، ياۋروپا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىق ئورگىنىنىڭ گىرېتسىيەدىن ئومۇمىي قىممىتى 130 مىليارد 900 مىليون ياۋرو كېلىدىغان قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار دېدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىق ئورگىنى گىرېتسىيەدىن قەرزلەرنى دەرھال قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، لېكىن ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

  ياۋروپا پۇل مۇئامىلە مۇقىملىق ئورگىنى 2010-يىلى قۇرۇلغان ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش مېخانىزمى بولۇپ، ياۋرو رايونىغا ئەزا دۆلەتلەرنى مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ياۋرو رايونىدىكى نۇرغۇن قەرزى بار دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكۈنچە قەرز كىرزىسىدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر