باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى خىزمەت سانىدىن ئاشۇرۇپ كادىر سەپلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

2014.04.03 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىككى ئېغىر مەسئۇلىيەتكە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، تەشكىلات بۆلۈمى ئورگىنىنىڭ ئىككى تەرەپلىك دېلونى پىلانلاش،تۈزىتىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،1-تۈركۈمدىكى پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بارلىق ئامما ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر تەكلىپ،مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پىكرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، 16 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى نۇقتا قىلىپ؛توغرا،قەتئىيلىك،سەۋرچانلىق روھى بىلەن مەخسۇس تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلدى. قىسمەن رايونلار ۋە ئورۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان خىزمەت سانىدىن ئاشۇرۇپ كادىر سەپلەش،كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش يىلىنى قاتلاممۇ قاتلام قىسقارتىش، كادىرلارنىڭ ئارخىپىنى ئۆزگەرتىش،رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشلىمىسىمۇ مائاش ئېلىش قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەر، قىسمەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى توختىتىپ، مەسىلە گەۋدىلىك بولغان ئورۇنلارنى مەلۇم قىلىپ، مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرپ،بەلگىلىك مۆھلەتتە ئۆزگەرتىش ۋە تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى. قىسمەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى چىڭ تۇتماسلىق، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە قەتئىيلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر