باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پاتېنت قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

2014.04.03 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پاتېنت قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى ئومۇمىي يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، پاتېنت قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش رەسمىي باشلانغان، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بەشكە بۆلىنىپ لياۋنىڭ، ئەنخۇي، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، شەنشى قاتارلىق بەش ئۆلكىدە تەكشۈردىكەن.

  بۇ قېتىمقى پاتېنت قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەققىدىكى قانۇن تۈزۈم قارىشىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، ئەدلىيە ئورگانلىرىنى پاتېنت قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پاتېنت يارىتىش ۋە ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇشقا دەۋەت قىلىش.

  مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1984-يىلى پاتېنت قانۇنىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئايرىم ئايرىم 1992-،2000- ۋە 2008-يىلى قانۇنغا ئۈچ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزگەن ھەمدە 2006-يىلى پاتېنت قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر