باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشلارنىڭ شىتات قوغلىشىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا(2)

2013.01.21 16:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىقىنى تالاشماقتا، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۈگەنلىرىنى ئىشلىتىدىغانلار كەم ئەمەس، ئەمما تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شىتاتنى بەك چوڭ كۆرۈپ كەتكەنلىكىدە. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە شىتاتنىڭ بۇنىچىلىك جەلپ قىلىشىنىڭ كۈچىنىڭ بولۇشى كىرىمىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى، ئىجتىمائىي كاپالىتىنىڭ مۇقىم بولغانلىقىدا، بۇ كىشىلەرگە ماددىي جەھەتتە مۇقىملىق، مەنىۋى جەھەتتە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلەلەيدۇ. شىتاتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا قارىتا، ھېچقانداقچە كىشى بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي ئويلىنىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.

  ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ «شىتات قوغلىشىشى»غا قارىتا، بىز شەخسنى زىيادە تەنقىدلەپ كەتسەك بولمايدۇ، بۇ خىل كەيپىياتنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جەمئىيەت ياشلارغا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىدەك پۇرسەت بېرىشى كېرەك. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھازىرقى جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇش مۇھىتىدىن ئانچە ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ، جەمئىيەتنىڭ بۇرۇلۇشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، ياشلارغا يۈزلەنگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى داۋاملىق كاسات بولماقتا، ئەمەلدارنىڭ پەرزەنتلىرى، بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارلىق ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى بارلار كۆپىنچە ھاللاردا تېخىمۇ ئەپچىللىق بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلىيەلەيدۇ، تۈزۈلمىنىڭ ئىچى سىرتىدىكى پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قەدەر زور پەرق مەۋجۇت . بۇ رېئال مەسىلىلەرنى بۇزۇپ تاشلىمىغاندىلا، كىشىلەرنىڭ شىتاتقا ، تۆمۈر مۇقىم تاۋاققا تەلپۈنۈش قەدىمىنى توسقىلى بولمايدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ياشلار تۈزۈلمە ئىچىدىكى شىتاتقا ئىنتىلمەكتە، جەمئىيەتتە جان تېكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، بۇ ئالى مائارىپ بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك. مائارىپ ياشلارغا بوران-چاپقۇنغا تاقابىل تۇرىدىغان ئىقتىدارىنى ئۈگۈتۈشى كېرەك، ئەمما ھازىرقى ھالەت بولسا بىزنىڭ ئالى مائارىپىمىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا كۆپرەك كىتابى بىلىملەرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ، نۇرغۇن ياشلار ھەقىقىي ئىقتىدار ئىگىلىيەلمىدى، ئىگىلەشكە تىگىشلىك بولمىغان پايدا-مەنپەئەت ئىدىيەسىنى ئۈگەندى، رىقابەت كەسكىن بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدا ھېچقانچە ئىقتىدارى يوق ياشلار ئالغا ئىلگىرلەشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ، بىرمۇ بىر ئىمتىھانغا دۇچ كەلمەكتە، تۈزۈلمە ئىچىدە «پاناھلىق» ئىزدىمەكتە.

  شىتات قوغلىشىش بىر قىسىم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى مۇقىم خىزمەتكە ئىنتىلىش، كۆرەش قىلىش قىزغىنلىقى چېكىندى، بۇ كىشىلەرنى جەمئىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىدىن ئەنسىرتىدۇ.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە