- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2012-يىللىق «ئالتۇن مىكروفون مۇكاپاتى» تارقىتىلدى
چېڭدۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېكتورى جوۋ دۇڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى
2013.01.22 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 2012-يىللىق جۇڭگو دېكتور-رىياسەتچىلەرگە بېرىلىدىغان «ئالتۇن مىكروفون مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى تۈنۈگۈن كەچتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
چىڭدۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى جوۋ دۇڭ ئالاھىدە كەسپىي ساپاسى، مۇنەۋۋەر ئەسىرى ۋە ياخشى نام-شەرىپى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، كەسكىن رىقابەتتىن كېيىن، 2012-يىللىق «ئالتۇن مىكروفون مۇكاپاتى» نىڭ تېلېۋىزور رىياسەتچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2008-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ليۇ فاڭ رىياسەتچىلىك قىلغان «تاغلىق رايوندىكى تاجىك قېرىنداشلار ئۈچۈن» ناملىق مەخسۇس سەھىپىسى رادىيو ئەسەرلىرى تۈرى بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.
1993-يىلى تەسىس قىلىنغان «ئالتۇن مىكروفون مۇكاپاتى» مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەستىقلىغان جۇڭگودىكى دېكتور-رىياسەتچىلەرگە بېرىلىدىغان ئالىي مۇكاپات، جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، 2006-يىلىدىن باشلاپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگو دېكتور-رىياسەتچىلەر ئۈچۈن ئالىي شەرەپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە