- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىراندا ئىككى يىگىت زوراۋانلىق، بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقتىن ئامما ئالدىدا دارغا ئېسىلدى
2013.01.22 13:27 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىراندا ئىككى يىگىت بۇلتۇر دېكابىردا ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلىپ ، باشقىلارنى بۇلىغانلىقى ئېلىنغان ۋىدېئو چاستوتىنى تورغا يوللىغان . ئارقىدىن ، ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋېزوردا بۇ ۋىدېئو چاستوتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تارقاتقاندىن كېيىن ، كىشىلەر بۇ ئىككىيلەننىڭ قىلمىشىغا ناھايىتى غەزەبلەنگەن . بۇ ئىككى بۇلاڭچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ، ‹‹ ئۇرۇش قوزغاپ ئاللاھقا قارشى تۇرۇش ›› جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن . بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ، ئىران دائىرىلىرى بۇ ئىككىيلەنگە دارغا ئېسىش جازاسى بەرگەن .
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، 37 سىكۇنتلۇق بۇ ۋىدېئو چاستوتىدا مەلۇم بولۇشىچە ، يۈزى نىقابلانغان ، موتوسىكلىت مىنىۋالغان تۆت ئەر كىشىلەرنىڭ سومكىسى ۋە چاپانلىرىنى بۇلىغان ھەمدە قىڭراق بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان . دارغا ئېسىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئىككى يىگىت بولسا ئۆزلىرىنىڭ تېھران كوچىلىرىدا باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ‹‹YouTube››غا يوللىغان ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ، دارغا ئېسىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ، ئۇلارنىڭ يەنە ئىككى شېرىكى 10 يىللىق قاماق ۋە 74 دەررە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە