- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يولۇچىلار ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتىنى يەتتە كۈن ئىچىدە سېتىۋالالايدۇ
2013.01.22 13:42 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
خۇمدانلىق يولۇچىلار بېكىتى
|
20-يانۋاردىن باشلاپ ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار بېكىتى زاپاس تىرانسپورت كۈچى ۋە بېلەت سېتىش كۆزنەكلىرىنى كۆپەيتىپ ، چاغانلىق تاشيول قاتنىشىغا ياخشى تەييارلىق قىلدى .
ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭنىڭ چاغانلىق تاشيول قاتنىشى 26-يانۋاردىن 6-مارتقىچە بولۇپ ، جەمئىي 40 كۈن ئىكەن .
ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپى جەنۇبىي يولۇچىلار بېكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گا ۋېنبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، يېقىندا جەنۇبىي يولۇچىلار بېكىتىنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 5000 (ئادەم / قېتىم ) غا يەتكەن بولۇپ ، يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار ئىكەن . چاغانلىق بېلەت سېتىۋېلىش ۋاقتى يەنىلا ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن كەچ سائەت 8:00 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ، چەرچەن ، باي قاتارلىق بىر قەدەر يىراق ناھىيە ( شەھەر) لەرگە قاتنايدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ بېلىتى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە سېتىلىدىكەن . تۇرپان ، توقسۇن قاتارلىق يۋقىن ئەتراپتىكى ناھىيە ( شەھەر) لەرنىڭ بېلىتى ئىلگىرىكى بېلەت سېتىش شەكلى بويىچە ، شۇ كۈنى سېتىلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە