باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشلارنىڭ شىتات قوغلىشىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا(1)

2013.01.21 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا خاربىن شەھىرى مۇھىت ئاسراش سىستېمىسى بويىچە ئاشكارا تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنى تەربىيەلەش ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەت بويىچە قوبۇل قىلىنغان 448 كەسپىي شىتات مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى رەسمىي ھالدا تازلىق قىلىش بىرىنچى سېپىگە قەدەم باستى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئاشكارا قوبۇل قىلىنغان 448مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىسىنىڭ يەتتىسى ئاسپىرانتكەن، 29ى ئاسپىرانت ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان. ئەمما ئاخىرىدا يەتتىسى قوبۇل قىلىنغان، ۋاڭ ياڭ شاللىنىپ قالغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ئۆلسەممۇ، شىتات ئىچىدە ئۆلىمەن»، دەيدۇ.

  «شىتات» ئۈستىدە ئىزدىنىش، تۈزۈلمە ئىچىدىكى «گۈزەل تۇرمۇشقا» يۈزلىنىش- خىلى بۇرۇنلا ياشلارنىڭ خىزمەت تاللاش يۈزلىنىشى بولۇپ قالغانىدى. «شىتات ئىچىدە ئۆلۈش» بىر خىل ئەسەبىيلەرچە مۇبالىغە قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ياشلار شىتات قوغلاشماقتا. گەرچە ھەر بىر ئارزۇسى، غايىسى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلەنسىمۇ، ئەمما شىتات توغرىسىدىكى غايە، ئىنتىلىش بىر خىل ھەددىن ئېشىپ كەتكەنلىك.

  «شىتات»قا مەستانە بولۇپ قالغانلاردا مۇنداق سەۋەبلەر يوق ئەمەس؛ ئالايلۇق ۋاڭ ياڭ ئېيتقاندەك، «مېنىڭ يۇرتۇم ئۆلكە ئىچىدىكى بىر يېزىدا، ھازىرغىچە تېخى بىۋاسىتە بارىدىغان پويىز يوق، يەتتە سائەت ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئاندىن بارىمەن. گەرچە مەن ھازىر مەكتەپنىڭ كوللېكتىپ نوپۇسىدا بولساممۇ، ئەمما خىزمەت قىلىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى مېنى شەھەر نوپۇسى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، نوپۇس پەرقى ئېلىپ كەلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش، پاراۋانلىق، مائارىپ قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىجتىمائىي كاپالەت ئوخشىمايدۇ.

  بىز ۋاڭ ياڭ ۋەكىللىدىكى مۇشۇنداق بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىنى تەنقىدلەشكە ئامالسىزمىز، چۈنكى نۇرغۇن كەمبەغەل نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش يولى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت بولۇپ قالدى. ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر تەدرىجىي كېڭىيىۋاتقان توپقا ئايلانماقتا. بىر قىسىم ياش ئوقۇغۇچىلار شىتات قوغلاشماقتا شۇنداقلا ھەم رېئاللىق ئۈستىدە ئويلانماقتا. شۇڭا ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، مۇقىم يەردە ئولتۇراقلاشقاندىلا، ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ كەلگەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايتتى. مەمۇر قاتارلىق ئالى تۈزۈلمىگە سېلىشتۇرغاندا، گەندە ئىشچىسى، مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى قاتارلىق شىتاتلىق خىزمەتنى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى ئائىلىسى نامراتلار بەكرەك قوغلىشىشى مۇمكىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە