- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى يەمەندىكى بازا تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلدى
2013.01.21 16:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يەمەن مەرىب ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن سەھەردە مەرىب ئۆلكىسىدىكى بىر قانچە جايدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. بازا تەشكىلاتنىڭ ئاز دېگەندە 8 ئادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇم 2013-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ بازا تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا 2-قېتىم زەربە بېرىشى. 3-يانۋار ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى بېدا ئۆلكىسىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، بازا تەشكىلاتىنىڭ 3 ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە