باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئالىي كەسپىي باشقۇرغۇچىلىرى ئوقۇش تاماملىدى

2013.01.22 13:53         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 دۆلەت دەرىجىلىك ئالىي كەسپىي باشقۇرغۇچىسى 14–يانۋار تۆت ئاي داۋاملاشقان تەربىيەلەشنى تاماملىغان. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، ئىقتىساد–ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، ئىقتىساد–ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى كارخانىلار كۆپلەپ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئاچقان.

  بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە ئاپتونوم رايون شۇنداقلا بىڭتۈەننىڭ ئەۋزەل خاس كەسىپلىرى ۋە تۈۋرۈك كەسىپلىرىنى زورايتىش ئېھتىياجى، يېڭىچە سانائەتلىشىشتىكى نۇقتىلىق ساھە، كارخانا ۋە دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرىدىكى ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە بازار ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە، شىنجاڭ، بىڭتۈەن كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار ۋە يۇقىرى قاتلاملىق كارخانا باشقۇرغۇچىلار تەربىيەلەندى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزى ئون قارار كۇرس ئاچقان، 1000 دىن كۆپرەك كۇرسانت ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەسپىي باشقۇرغۇچىلار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى››غا ئېرىشكەن، ئۇلار شىنجاڭ، بىڭتۈەننىڭ كارخانا باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا پائال رول ئويناۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە