باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە خاتا سىگنال چىقاردى(1)

2013.01.22 13:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون يېقىندا دياۋيۈ ئارىلى ياپونىيەنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئىچىدە، شۇڭا ئۇ « ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىك كاپالىتى شەرتنامىسى» غا تەتبىقلاش ئوبيېكتى،دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بۇ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆز ئالدىغا قوللىنىلىدىغان ھەرىكەتكە قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزى دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيەگە يان باسقانلىقىغا تەڭ بولۇپ ھەم قالايمىقان ھەم خاتا سىگنال بېرىپ، دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدۇ. ھىللارى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيەسىگە مەسئۇل ئاساسلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولغان ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىيىو كىشىدا بىلەن كۆرۈشكەندە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلدى ،بۇ ئىنتايىن خاتا.

  1.ھىللارىنىڭ سۆزى ئاساسىي تارىخىي پاكىت ۋە خەلقئارا قانۇنغا پىسەنت قىلماي ھەق بىلەن ناھەق، ئاق بىلەن قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىك. دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى. مەيلى تارىخى، جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى قانۇننىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىدىن قارىغاندىمۇ جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلىغا قارىتا بەس مۇنازىرىسىز ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە. بىراق، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 –يىللىرى ئامېرىكا دياۋيۈ ئارىلىنى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىگە ئېلىپ، 70-يىللارغا كەلگەندە ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە دياۋيۈ ئارىلىنى بىر بىرىگە قانۇنسىز بېرىپ، جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى ھەم شۇنىڭدىن كېيىنكى دياۋيۈ ئارىلى تالاش تارتىشىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتى. ئامېرىكىنىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي مەسئۇلىيىتى بار، ھازىر تارىخ ئۈستىدە ئويلانماستىن يەنە خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە