باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

% 70 ياپونىيەلىك دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتتىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن(1)

2013.01.21 16:17        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىي ئەقىل ئىسكىلاتى يېقىندا ياپونىيەلىك بىر سودا ئىشلىرى ئەربابىنى ئوبيېكت قىلىپ، جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىش ۋەزىيىتىنى تەكشۈردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ياپونىيە ئىقتىساد ساھەسىنىڭ جۇڭگونى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە بازىرىدىكى مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، سودىدا جۇڭگوغا قىزىقىشى سۇسلاشقان. %70 كىشى دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتتىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىمىز، دەپ قارىغان.

  ياپونىيە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىي ئەقىل ئىسكىلاتى ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقى ئارقىسىدا قۇرۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ياپونىيەدە ئولتۇراقلاشقان، پۇقراۋى كارخانىلاردا ئىشلەيدىغان 20 ياشتىن يۇقىرى 3307 باشقۇرغۇچى ئوبيېكت قىلىنىپ، تور ئارقىلىق 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى يولغا قويۇلغان. جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇشىغا قارىتا جۇڭگو بولالمايدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق بولىشى ناتايىن ، دەپ قارىغان زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار %76 يەتكەن. جۇڭگونىڭ بازار بولۇشىغا قارىتا %80 جاۋاب بەرگۈچىلەر جۇڭگو بولمىسا بولمايدۇ،دېگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇھىملىقى تۆۋەنلەيدۇ ، دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەر %65 نى ئىگىلىگەن. يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلەر ئىچىدە يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش نىشانلىرىغا قارىتا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر، دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەر كۆپ بولۇپ، جۇڭگو دەپ قارىغۇچىلار %3 ئىگىلىگەن. جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ۋە سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن پەخەس بولۇش توغرىسىدا ، سىياسىي خېيىم خەتەر،دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەر %80 دىن ئېشىپ كەتكەن. دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن قوغدىنىش قىسمى بىلەن دېڭىز خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغۇچىلار %70 نى ئىگىلىگەن. 10 يىلدىن كېيىنكى جۇڭگو ئىقتىسادىي توغرىسىدا، بەش ياكى 10يىل ئىچىدە كۆپۈكلىك بۇزۇلىدۇ، ئىقتىساد قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەر %41 لىك ئەڭ چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىگەن. 10 يىلدىن كېيىن %5 ياكى %6 لىك مۇقىم ئېشىش ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى بېسىپ ئۆتىدۇ ، دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەر %35 نى ئىگىلىگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇقىرى ۋەكىللىككە ئىگە بولۇپ، مەلۇماتى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىشەنچلىك ئىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە