باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى ئىلمىي تەتقىقاتخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2013.01.16 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

15-يانۋار، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنستىر لى كېچياڭ تۈنۈگۈن دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى ئىلمىي تەتقىقاتخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنستىر لى كېچياڭ تۈنۈگۈن دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى ئىلمىي تەتقىقاتخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاشلىق پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئاساسى، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىققا تايىنىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. بۇنىڭدىن كېيىن ئاشلىق ئىستېمالى يەنە كۈچلۈك ئاشىدۇ، بىر مىليارد نوپۇسنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىنى ھېچكىممۇ زىممىسىگە ئالالمايدۇ، پەقەتلا ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئاشلىق ئوبوروت خىزمىتىنى دوكلات قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئامبىرى زاپىسىنى تونۇشتۇردى. مۇتەخەسسىسلەر خەلقئارا مەملىكەت ئىچى ئاشلىق ۋەزىيىتى، ئاشلىق مايلىق دان پەن-تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆز قارىشى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتا، تەرەققىيات ئومۇملىقى بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش- ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى، بۇ يېڭى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۆز-ئارا باغلاش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېڭى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا كۆپ تەرەپلەردىكى مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يادروسى- كىشىلەرنى شەھەر بازارلاشتۇرۇش، ئاچقۇچى-شەھەر بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەقسىتى- پۇقرالارغا بەخت يارىتىش ۋە خەلقنى بېيىتىش. تۈجۈپىلەش، ئېنېرگىيە تېجەش، ئېكولوگىيەلىك يېڭى يولىدا مېڭىپ، ئىچكى بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، سۈنئىي شەھەر بەرپا قىلماسلىق، كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن شەھەر بازار قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەدرىجىي ھالدا شەھەر بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ، بازار بىلەن تەمىنلەپ، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىستىمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ماسلىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق مايلىق دان مەھسۇلات مىقدارى ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىش، تىرانسپورت شارائىتىنى ياخشىلاپ، مەھسۇلاتنىڭ كېيىنكى زىيىنىنى ئازايتىپ، بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، ۋاقتىدا ئېھتىياجلىق يەرلەر، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە