باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2013.01.10 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ 9-يانۋار دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي ياشانلار كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 2013-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۆستۈرۈش دەرىجىسى ئۆتكەن يىلى كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ئايلىق كىشى بېشى ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ %10ى بويىچە بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەڭشەش ئاساسىدا، كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان ياشانغان خادىملار قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەڭشەش سەۋىيەسى يەنە مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

  كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2005-يىلىدىن2012 -يىلىغىچە دۆلەت ئۇددا 8 يىل كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

  مەنبە: جۇڭگ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە