باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالىلىقلار فىرانسىيەدە قانداق ياشايدۇ؟

2013.01.22 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-يانۋار فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى مالىغا ئەسكەر چىقىرىپ، مالى ئارمىيەسىنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ، تېررورچىلارغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، فىرانسىيە بىلەن مالىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئالاقىسى بار.

  مالىلىقلار ياۋروپاغا كۆچمەن بولماقچى بولسا ئالدى بىلەن فىرانسىيەنى تاللايدۇ، فىرانسىيەدە چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتىدە دېيىلىشىچە، فىرانسىيە مالىلىقلار ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ئىكەن.

  فىرانسىيەدە مالىلىقلار ئەڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون سەھرايىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىلىقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇھىم جاي، مالىنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ تۇرالغۇ نۇقتىسىدا جەمئىي 120 مىڭ مۇھاجىر تۇرىدىكەن، پۈتكۈل ياۋروپادىن قارىغاندا فىرانسىيەمۇ مالىلىقلار ئەڭ كۆپ دۆلەت، مۇتلەق كۆپ قىسىم مالى مۇھاجىرلىرى پارىژ چوڭ رايونىدا تۇرىدۇ.

  1960-يىلدىن بۇيان، فىرانسىيەگە كۆچمەن بولۇپ بارغان مۇتلەق كۆپ قىسىم مالىلىقلار مالىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى كايى رايوندىن كەلگەن ، بۇ رايوننىڭ شارائىتى ناچار بولۇپ، ھەر يىلى قۇرغاقچىلىق بولىدۇ، سېنېگال ۋە ماۋرىتانىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، چەتئەللەردە كۆچمەن بولۇپ يۈرۈۋاتقان مالىلىقلار داۋاملىق بۇ رايونغا پۇل ئەۋەتىپ، بۇ جايدىكى نوپۇسنىڭ داۋاملىق سىرتلارغا كۆچۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ۋاقىتلىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئۆتۈش مالىلىقلارنىڭ فىرانسىيەگە بېرىشتىكى ئەڭ ئەنئەنىۋى يولى ئەمەس، مۇتلەق كۆپ قىسىم مالىلىقلار يېنىغا ساختا ئىسپات ماتېرىياللىرى ياكى 3 ئايلىق ئىناۋەتكە ئىگە ساياھەت ۋىزىسىنى ئېلىپ فىرانسىيەگە ئايروپىلان بىلەن بارىدۇ، فىرانسىيەگە چۈشكەندىن كېيىن ئۇلار ئىشلەمچىلەرگە بېرىلگەن ئۆيلەردە تۇرىدۇ، بۇ ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقانلار ھەمىشە كۆپ بولۇپ، قىستا قىستاڭچىلىق.

  بۇ بىنادىكى ھەر بىر قەۋەت ۋە ھەر بىر ئېغىز ئۆيدە دېگۈدەك بىر كەنتتىن كەلگەن مالىلىقلار تۇرىدۇ، بۇ ئۆيلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 15 كىۋادرات مېتىردىن ئاز بولۇپ، ئادەتتە ئالتە كىشى بىر ئۆيدە تۇرىدۇ، يېشى ئەڭ چوڭراقى ئاستىنقى قەۋەتتىكى كارىۋاتتا ياتىدۇ، يېڭىدىن كەلگەنلەر يەرگە پالاس سېلىپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

  پارىژ چوڭ رايونىدىكى داڭلىق توپ ئولتۇراق رايونى مونتىرېي شەھىرىدىكى بالا بىناسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىسمىي جىسمىغا لايىق ھەرە ئۇۋىسى، بۇ يەردە ماشىنىچىلىق دۇكانلىرى، ھەر خىل رېمونت دۇكانلىرى، ئىبادەتخانا، بوتكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار.

  بالا بىناسى مالىلىقلارنىڭ چەتئەللەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتىكى سىياسىي مەركىزى، مالى مىنىستىرلىرى پارىژغا كەلسىلا بۇ جايغا كېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، فىرانسىيەنىڭ توپ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ توپ ئولتۇراق رايونىدىن ئەۋزەل يېرى شۇكى، بۇ يەر سىرتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە مەبلەغ يۆتكەيدىغان مۇھىم جاي.

  فىرانسىيەگە كۆچمەن بولۇپ بارغان مالىلىقلار قانۇنلۇق سالاھىيىتى بولمىغاندا تۇرمۇش ئۈچۈن ھەمىشە ئىسمىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۇلار دائىم ئۆزلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۇغقانلىرىنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسىنى ئىجارە ئالىدۇ، ئۇلارنى ياللۇچىلار بۇنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بىلمەسكە سېلىپ ئۇلارنىڭ ساختا سالاھىيىتىنى ھۆكۈمەتكە يوللاۋېرىدۇ، يىل ئاخىرىدا بۇ كۆچمەنلەر تاپاۋەت بېجىنى كىشى بېشىغا چاچىدۇ، ئۇلار كىرىمىنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆزلىرىگە تۇرۇش كىنىشكىسى ئىجارە بەرگەن كىشىگە بېرىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە تۈزۈمنىڭ كۈچەيتىلىشى بىلەن بۇ خىل قىلمىشلار ئازايدى.

  تۇرۇش كىنىشكىسى يوق باشقا كۆچمەنلەرگە ئوخشاش مالىلىقلار رېمونتچىلىق، بىناكارلىق، ئامانلىق ساقلاش ۋە تازىلىق ساھەسىدە ئىشلەيدۇ، ئاياللار بالا باققۇچى بولۇش ۋە ئاشپەزلىك قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، قانۇنلۇق رەسمىيەت ئۆتىگەن بەزى مالىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ كىچىك شىركەتلىرىنىمۇ قۇرىدۇ، بەزىلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىگە كىرىدۇ.

  چەتئەللەردىكى باشقا مۇھاجىرلارغا ئوخشاش مالىلىقلارمۇ ناھايىتى نۇرغۇن جەمئىيەتلەرنى قۇردى، بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر سىياسىي ئەھمىيىتى بار، مالى چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن 2004-يىلى چەتئەللەردىكى مالىلىقلار ئورگىنىنى تەسىس قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە